'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ بۈگۈن بېيجىڭدىن خەۋەر قىلىشىچە، قۇش زۇكىمى بېيجىڭ شەھىرى ئەتراپىدا قايتىدىن پەيدا بولغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ سەھىيە ئورگانلىرى جىددىي ھەرىكەتلىنىپ، قۇش زۇكىمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن چىقارغان بەلگىلىمىلىرىدە، بېيجىڭغا ئېلىپ كېلىنىدىغان ئۆي ھايۋانلىرى چوقۇم ئالدىن ۋاكسىنا ئۇرۇلغان بولۇشى ۋە بېيجىڭغا ئەكىرىشكە رۇخسەت قىلىنغان ئىسپات خېتى بولۇشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، 2003 - يىلى دۇنيا بۇيىچە 248 ئادەم H5N1 بەلگىلىك قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىپ ئۆلگەن ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە خىتايدا 21، ئەزەربەيجاندا 5، بېنگالدا 1، پاكىستاندا 1، كامبودژادا 7، مىسىردا 23، ھىندونېزىيىدە 113، ئىراقتا 2، تۈركىيىدە 4، ۋېيتنامدا 52 كىشى ئۆلگەن. بۇ خىل يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى خىتايدا بۇ يىل يەنە كۆرۈلدى.