خىتاي خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتە تارقاتقان مەلۇماتقا قارىغاندا، ھازىرغا كەلگۈچە سەل ئاپىتىدە ئۆلگەن ئادەم سانى 1 مىڭ 454. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 669 ئادەمنىڭ ئىز - دېرىكىنى بولمىغان.
ئۇچۇردا ئوتتۇرىغا قويۇشىچە، بۇ خىل خىتايدا يۈز بەرگەن سەل ئاپىتىدە جەمئىي 1 مىليون 400 مىڭ ئېغىر ئۆي ئۆرۈلگەن. 12 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بىخەتەر جايلارغا كۆچۈرۈلگەن.
بۇ يىل يازدا خىتاينىڭ سېرىق ۋە ياڭزى دەريالىرىدا كەلكۈن ئاپىتى كۆرۈنگەن بولۇپ، ئاپەتلەر خىتاينىڭ " ئۈچ بوغۇز توسمىسى" غىمۇ تەھدىت سالغان ئىدى.
بۇ يىلىنىڭ بېشىدىن ھازىرغا كەلگۈچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 58 شەھەر، ناھىيىسىدىمۇ ھەر خىل دەرىجىدە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەرگەن. ئاپەتكە ئۇچرىغان ئادەم 970 مىڭ 600 گە يەتكەن.