خىتاي سېرىق دەرياسىنىڭ بىر تارماق ئېقىنى كېرەكسىز ماي بىلەن بۇلغۇنۇپ، ئىچىملىك ۋە تېرىلغۇ سۇ مەنبەسىگە ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت سالغان

خىتاي ئاخباراتى شەنبە كۈنى تارقاتقان خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خۇاڭخې يەنى سېرىق دەرياسىنىڭ بىر تارماق ئېقىنىغا بۇلغانغان ماي يامراپ كېتىپ، خىتاينىڭ ئىچىملىك ۋە تېرىلغۇ سۇ مەنبەسىگە ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت سالغان.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، شەنشى ئۆلكىسىدىكى بىر پاسكىنا سۇ بىرتەرەپ قىلىش زاۋۇتىغا قاراشلىق پاسكىنا سۇ توپلاش كۆلچىكى يېرىلىپ كېتىپ، كۆلچەكتىكى 1000 توننىغا يېقىن ماي دۇغلىرى مەزكۇر ئۆلكە تەۋەسىدىكى تېرىلغۇ يەرلەر ۋە لوخې دەرياسىنى بۇلغىغان.

نۆۋەتتە مەزكۇر ماي دۇغلىرىنى تازىلاشقا 2000 غا يېقىن ئادەم قاتناشتۇرۇلغان ۋە دەريانىڭ تۆۋەنكى ئېقىمىغا 8 ئورۇنغا سۈزگۈچ ئورنىتىپ ماي دۇغلىرىنى سۈزۈشكە كىرىشكەن.

خىتايدا سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغىنىشى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇ يىل يانۋاردىمۇ، خۇاڭخې دەرياسىنىڭ چى سۈي ۋە ۋېي دەرياسى قاتارلىق تارماق ئېقىنلىرىغا نېفىت يامراپ كەتكەن ئىدى.