جەنۇبىي خىتايدىكى گۇيجۇ ئۆلكىسىدە يەر تەۋرەپ 7 ئادەم ئۆلدى

جەنۇبىي خىتايدىكى گۇيجۇ ئۆلكىسىدە يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان يەر گۈمۈرۈلۈش ھادىسىدە 7 ئادەم ئۆلدى.

خىتايدىكى يەر تەۋرەش ئىدارىسى خادىملىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، يەر تەۋرەش خىتاينىڭ گۇيجۇ ئۆلكىسى گۈيياڭ شەھىرىگە يېقىن بىر رايوندا يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن يۈز بەرگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، گۈيياڭ شەھەرلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسى باياناتچىسى تيەن شياڭ، گەرچە بۇ نۆۋەتلىك يەر تەۋرەش دەرىجىسى 3.4 بال ئەتراپىدا بولسىمۇ، تەۋرەشتە ئىككى ئورۇندا تاغ گۈمۈرۈلۈش ھادىسىسى كۆرۈلگەنلىكىنى، نەتىجىدە تاغدىن غۇلاپ چۈشكەن يوغان تاشلارنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە يەتتە ئادەمنى مىجىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ھادىسىدە ئىككى ئادەم ئېغىر دەرىجىدە يارىلانغان ۋە بىر ئادەم يوقاپ كەتكەن. جەنۇبى خىتايغا جايلاشقان گۇيجۇ ۋە سىچۈئەن ئۆلكىلىرى يەر تەۋرەش بەلۋېغىغا جايلاشقان بولۇپ، 2008 - يىلى مايدا سىچۈئەندە 7.9 بال يەر تەۋرەپ 90 مىڭغا يېقىن ئادەم ئۆلگەن ۋە يەنە نۇرغۇن ئادەم ئۆي ماكانسىز قالغان ئىدى.