مىكرو زەررىچىلەردىن زەھەرلەنگەن يەتتە نەپەر خىتاي قىزنىڭ ئىككىسى ئۆلۈپ كەتكەن

بېيجىڭ ئەتراپىدىكى بىر زاۋۇتتا خىمىيىلىك مىكرو زەررىچىلەردىن زەھەرلەنگەن يەتتە نەپەر خىتاي قىزنىڭ ئىككىسى ئۆلۈپ كەتكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، تەكشۈرگۈچىلەر بۇ قىزلارنىڭ سىر زاۋۇتىدا نەچچە ئاي ئىشلەش جەريانىدا، مىكرو زەررىچىلەر تۈپەيلى ئۆپكىسى مەڭگۈلۈك زەخمىگە ئۇچرىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. بۇ ھەقتىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى، ياۋروپا نەپەس يوللىرى جۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان.

خەۋەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىچە، مىكرو زەررىچە تېخنولوگىيىسى، گىرىم بۇيۇملىرى، يېمەكلىك ئوراپ - قاچىلاش، ئېلېكترونلۇق مەھسۇلاتلار سانائىتى ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىكەن. ھالبۇكى، مىكرو زەررىچىلەرنىڭ ئادەمگە زەخمەت ئېلىپ كېلىش ھادىسىسى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ئىكەن.

بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈشنى، بېيجىڭ چاۋياڭ دوختۇرخانىسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر ئېلىپ بارغان.

ئۇلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، مەزكۇر قىزلارنىڭ كۆكرەك بوشلۇقى يۈرەك ئەتراپىنى زىيادە سۇيۇقلۇق قاپلاپ كەتكەنلىكى، سۇيۇقلۇقتا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە مىكرو زەررىچىلەر بايقالغانلىقى ئېنىق دەلىللىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قىزلار سىر زاۋۇتىدا، 5 ئايدىن، 13 ئايغىچە ئىشلىگەن ئىكەن.

خىتايدا خىزمەت ئورنىدا زەھەرلىنىش ھادىسىسى كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئۆتكەن ئايدا جىلىن ئۆلكىسىگە جايلاشقان "جىلىن كاڭ نەيېر خىمىيە زاۋۇتى" چىقارغان زەھەرلىك ماددىلار، قوشنا زاۋۇتتىكى 1200دەك ئىشچىنى زەھەرلىگەن ۋە بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ياتاققا ئېلىنغان ئىدى.