خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان زىيالىي قولغا ئېلىندى

خىتايدا سىياسىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان زىيالىي ليۇ شاۋبو بۈگۈن قولغا ئېلىندى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ئېلان قىلىنغان 'ئىككى مىڭ سەككىزىنچى يىل خارتىيىسى' نى يازغان مۇستەقىل يازغۇچى ليۇ شاۋبو خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى، ئەمەلدارلارنى ئوچۇق - ئاشكارا سايلاشنى، خەلقنىڭ پىكىر قىلىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىش ئەركىنلىكىنى يولغا قويۇشنى، كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ھەربىي قىسىملارغا، ھۆكۈمەتكە، سوت مەھكىمىلىرىگە بولغان كونتروللۇقىغا خاتىمە بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. ئۇ، شۇ سەۋەبتىن بۇلتۇر 12 ‏ - ئاينىڭ 8 ‏ - كۈنى نەزەربەنتكە ئېلىنغان ئىدى.

ئەمدى 7 ئاي ئۆتكەندە، بېيجىڭ شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ليۇ شاۋبونىڭ خوتۇنىغا ' سوتسىالىستىك دۆلەتنى ئاغدۇرۇش جىنايىتى ئۆتكۈزگەن ليۇ شاۋبو 2009‏ - يىل 6‏ - ئاينىڭ 23‏ - كۈنى سائەت 11 دە قولغا ئېلىندى' دەپ ئۇقتۇرغان. ئۇنىڭغا جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ 105 ‏ - ماددىسى بۇيىچە ئەڭ كۆپ بولغاندا 15 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدىكى مۇستەقىل قەلەمكەشلەر جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جاڭ چىشېڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەقىل يازغۇچى ليۇ شاۋبونى قولغا ئالغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى ۋە 'كوممۇنىست پارتىيىنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى 105‏ - ماددا مەخسۇس دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ پىكىر بايان قىلىش ئەركىنلىكىنى باستۇرۇش ئۈچۈن زىيانكەشلىك قىلىدىغان ۋەھشى قانۇن' دەپ كۆرسەتتى.