د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاي ھۆكۈمىتىنى «خەلقئارا ئىرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش ئەھدىنامىسى» نى ئىجرا قىلىشقا چاقىردى
2013.01.04
دىلشات رىشىت مۇنداق دېدى: خىتاي «خەلقئارا ئىرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش ئەھدىنامىسى» غا ئىمزا قويۇپ، خىتايدا ئىرقىي كەمسىتىش قىلمىشلىرىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدا ياشايدىغان مىللەتلەرنىڭ باراۋەر ياشايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. ئەمما خىتايدا ھازىر ئىرقىي كەمسىتىش بارغانچە ئېغىرلاشماقتا. ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئېتىقادى چەكلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مائارىپى «قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش» نامىدا ۋەيران قىلىنماقتا.
ئانا تىل ۋە مىللىي ئۆرپ-ئادەت كەمسىتىلمەكتە. ئۇيغۇرلار ئۆز زېمىنىدا ئۆز بايلىقلىرىغا ئىگە بولۇش، خىزمەتكە ئورۇنلىشىش قاتارلىق جەھەتلەردە كەمسىتىلىشكە ئۇچرىماقتا. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆزى ئىمزا قويغان «خەلقئارا ئىرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش ئەھدىنامىسى» نىڭ ماددىلىرىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلىشنى تەلەپ قىلىمىز.
«خەلقئارا ئىرقىي كەمسىتىشنى يوقىتىش ئەھدىنامىسى» 1963-يىلى 20-نويابىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1904-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بىر نەچچە قېتىملىق تولۇقلاش ۋە تۈزىتىشتىن كېيىن 1969-يىلى 4-يانۋاردىن باشلاپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردە كۈچكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقى جاكارلانغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 1981-يىلى 29-دېكابىر كۈنى ئەھدىنامىگە ئىمزا قويۇپ، 1982-يىلى 28-يانۋاردىن باشلاپ بۇ ئەھدىنامىنىڭ خىتايدا كۈچكە ئىگە قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.