شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى خىتاينىڭ ئەيىبلىمىسىگە ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي مەتبۇئاتلىرى شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى ۋە شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەزالىرىنىڭ سۈرىيىدىكى ئۆكتىچىلەرگە قېتىلىپ، بەشار ئەساد ھۆكۈمىتىگە قارشى جەڭ قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇلارنىڭ جەڭگە قېتىلىشتا ئەلقائىدە تەشكىلاتىدىن تەلىم ئالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتقاندىن كېيىن، شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۈنۈگۈن رادىئومىزدا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر ئۇچۇرلىرىنىڭ توغرىلىقىنى ئىنكار قىلغان ئىدى.

بۈگۈن مەزكۇر تەشكىلات ئۆز تور بېتىدە مەخسۇس بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر تېمىدىكى ئەيىبلىمىسىگە ئىنكاس قايتۇردى. تەشكىلات باياناتىدا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ غايىسىنىڭ ئانا ۋەتىنى شەرقى تۈركىستاننى خىتاي مۇستەملىكىسىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ باشقا دۆلەت ياكى گۇرۇپپىلارغا قارشى ئۇرۇشلارغا قاتنىشىشىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بايانات ئاخىرىدا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۈركىيىدە قانۇنلۇق تىزىملىتىلغان بىر تەشكىلات ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلىپ، بۇ تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ تۈركىيە پۇقراسى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن سۈرىيە مەسىلىسىدە، تۈركىيىدىكى 75 مىليون خەلق بىلەن بىر مەيداندا ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.