60 يىللىق ھەربىي پاراتقا ئۇيغۇردىن باشقا سەككىز ئاز سانلىق مىللەت پەۋقۇلئاددە قىسىملىرى قاتناشتۇرۇلىدىكەن
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.09.30
2009.09.30
بۇنىڭ ئىچىدە يەنە ئۇيغۇردىن باشقا ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئاتىلىدىغان مانجۇ، تۇڭگان، جۇئاڭ، موڭغۇل، تىبەت، داغۇر، لاگۇ، پۇمىلاردىن ئىبارەت سەككىز مىللەتنىڭ پەۋقۇلئاددە قىسىملىرى بار ئىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تۆت ئاز سانلىق مىللەتنىڭ پەۋقۇلئاددە قىسىملىرى بىر ئاپتوموبىلدا ئۆتىدىكەن. ئاپتوموبىل باشلىقلىقى مانجۇ، شوپۇرى خىتايدىن بولىدىكەن. پاراتتىن ئۆتىدىغان تانكا قىسىملىرىنىڭ ئىچىدىكى بىر تانكا شوپۇرى شىۋە بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەتەننى قوغداش شۇئارى پاراتتا ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلىدىكەن.