خىتاي، 'شىنجاڭدا 13 يىلدا 591 بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق گۇرۇھىنى تارمار قىلدۇق' دەپ خەۋەر تارقاتتى

خىتاينىڭ شىنخۇا، سىنا قاتارلىق خەۋەر تورلىرى بۈگۈن ماقالە ئېلان قىلىپ، "جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا 1990 - يىلدىن 2003 - يىلغىچە جەمئىي 591 بۆلگۈنچىلىك، تېررورلۇق گۇرۇھىنى تارمار قىلىپ، مۇقىملىق ۋەزىيىتىنىڭ 10 يىلغا قەدەر داۋاملىشىشىنى ئىشقا ئاشۇردى" دېدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009.06.02

خەۋەردە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇقىمسىزلىقنىڭ ئۇرۇقىغا ئوغۇت بولۇۋاتقان تۈپكى ئامىل قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت دەپ كۆرسەتكەن ھەمدە بۇنىڭغا ئاساسەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1996 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىسىتراتېگىيىسىنى بەلگىلەپ، زەربە بېرىش نىشانىنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك ھەمدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە قاراتقانلىقىنىمۇ شەرھىلىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى بولۇپمۇ "ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنى مەركەز قىلغان ھالدا مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ ھەر كەنتكىچە ساقچىخانىلارنى قۇرۇپ بۆلگۈنچىلىكنىڭ، مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىن باشلاپ باش كۆتۈرۈشىگە قاتتىق زەربە بېرىپ كەلمەكتە" دېيىلگەن.

قەشقەر ۋىلايىتى پارتكوم سېكرىتارى جاڭ جىئەن" ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى، ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى ئۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم پولات قورغان"دەپ تەسۋىرلىگەن.

مەلۇم بولغاندەك قەشقەر ۋە كۇچا قاتارلىق جايلاردا 2008 - يىلى ئاۋغۇستتا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت ھەم خىتاي ساقچىلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى، گەرچە خىتاي شۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ، ۋەقەدە تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارغا قاتتىق جازا قوللانغان بولسىمۇ، ھالبۇكى خەلقئارا جەمئىيەت بۇ ۋەقەلەرنى خىتاينىڭ رايوندا يۈرگۈزگەن بېسىم سىياسىتىدىن پەيدا بولغان ئۆكتىچى ھەرىكەت دەپ باھالىغان ئىدى.

شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش باھانىسىدە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە دىنىي ئەركىنلىكنى قوغداش تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن بىردەك ئەيىبلەشكە ئۇچراپ كەلمەكتە.

شۇنداقلا خەلقئارا جەمئىيەت ھازىرغا قەدەر پەقەت ئاتالمىش "تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى" دىن باشقا ھەر قانداق گۇرۇھ ياكى كىشىنى "تېررور" كاتوگورىيىسىگە كىرگۈزمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.