نامايىش، ياپونىيە دائىرىلىرى يېقىندا تۇتۇپ قالغان خىتاي بېلىقچى كېمىسى كاپىتانى مەسىلىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن پەيتلەرگە توغرا كەلدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، بەزى خىتاي نامايىشچىلار "ياپون ئالۋاستىلىرىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتۇۋېتىمىز" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان. نامايىشلار بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە شېنجېن قاتارلىق شەھەرلەردە ئېلىپ بېرىلغان.
بەزى نامايىشچىلار ياپونىيىنىڭ بېيجىڭدىكى ئەلچىخانىسى ئالدىغا يىغىلىپ "ياپون يوقالسۇن!" دەپ شوئار توۋلىغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي نامايىشچىلارنى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشقا چاقىرغان.
خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي كوممۇنىست پارتىيىسى ئۆزىنى تېخىمۇ مىللەتچى قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، خىتاي خەلقنىڭ ياپونغا قارىشى ھېسسىياتىنى ئۇلغايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ يىلقى ياپونغا قارشى نامايىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشقان.
شاڭخەيدە ئىككى نامايىشچى "دياۋيۈ ئارىلى خىتاينىڭ، كاپىتانىمىز قايتۇرۇلسۇن" دېگەن خەتلەر يېزىلغان بىر بايراقنى ياپون كونسۇلخانىسى ئالدىغا ئاسقان.
1931 - يىلى 18 - سېنتەبىر مانجۇرىيىدىكى ياپونىيە ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر تۆمۈريول پارتلاپ كەتكەن. ياپونىيە ئىمپېرىيە ئارمىيىسى 1931 - يىلى "18 - سېنتەبىر مانجۇرىيە ۋەقەسى" نى سەۋەب قىلىپ، خىتايغا باستۇرۇپ كىرگەن ئىدى.