خوڭكوڭدا تەيىنلەنگەن باشلىق لېڭ چۈنيىڭنىڭ تەختى داۋالغۇماقتا
2013.01.02
نامايىشتا بىر گۇرۇپپا لېڭ چۈنيىڭنى ئىستېپاغا چاقىرسا، يەنە بىر گۇرۇپپا ئۇنىڭ تەختتىن چۈشمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان. نارازىلىق نامايىشىنىڭ باشلىنىشىغا، لېڭ چۈنيىڭنىڭ ھەشەمەتلىك شەخسىي قورۇسىنىڭ شەھەر قۇرۇلۇش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولمىغانلىقى سەۋەب بولغان.
بۇ پۇرسەتتە نامايىشچىلار، خوڭكوڭلۇقلارنىڭ ئۆز باشلىغىنى ئۆزلىرى بىۋاسىتە سايلىشى كېرەكلىكىنى، 2017 -يىلى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇۋاتقان ئومۇمى سايلامنىڭ ھازىرلا ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا پىكىر بايان قىلغان خوڭكوڭدىكى جەمئىيەت مۇتەخەسسىسلىرى، لېڭ چۈنيىڭنىڭ نۆۋەتتە ئىشەنچ كرىزىسىغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا دەرھال ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئۆز ئوبرازىنى تۈزۈشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق بولمىغاندا ئىلگىرىكى رايون باشلىقىغا ئوخشاش تەقدىرگە مۇپتىلا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.
خوڭكوڭنىڭ ئىلگىرىكى رايون باشلىغىنىڭمۇ شەخسىي قورۇ جايىنىڭ قۇرۇلمىسى شەھەرنىڭ ئۆلچىمىگە چۈشمىگەچكە، 500خوڭكوڭدا مىڭ كىشىلىك نامايىش قوزغالغان ۋە ئۇ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولغان.