د ئۇ ق خىتاينى خوتەن ئايروپىلان ۋەقەسىدە ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللانغان دەپ ئەيىبلىدى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى خوتەن ئايروپىلان ۋەقەسىگە چېتىشلىق ئىككى گۇماندارنىڭ ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە دوختۇرخانىدا ئۆلگەنلىك خەۋىرىگە قارىتا ئىنكاس قايتۇردى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.07.02

قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۈگۈن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ مەزكۇر ۋەقەدە ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دولقۇن ئەيسانىڭ بىلدۈرۈشىچە، «مەزكۇر ئايروپىلاندا 7 نەپەر ساقچى بولغان ئىكەن، ساقچىلارنىڭ گۇماندارلارنى جان بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزمىگەن ئاساستا تۇتۇش ۋە سوت ئېچىپ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىش ئىمكانى تامامەن مەۋجۇت. لېكىن خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى باشقا ۋەقەلەردە بولغاندەك، بۇ ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتىمۇ گۇماندارلارنىڭ جان بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنىي تەرتىپ بىلەن قىلچە ھېسابلاشمىغان.»

دولقۇن ئەيسا يەنە «گۇماندارلاردىن ئىككىسىنىڭ ۋەقەدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە جان ئۈزگەنلىكى گۇماندارلارنىڭ ئايروپىلاندا ياكى سوراق جەريانىدا ئېغىر زەخىملەنگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى» دېدى. دولقۇن ئەيسا سۆزىنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي زۇلۇم ۋە زوراۋانلىقنى توختاتمىغۇچە رايوندا مۇقىملىقنى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.