مىڭپاۋ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېڭى مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي جياڭسۇلۇق بولۇپ، ئۇ بۇ يىل 49 ياش. ئۇ نەنجىڭ سانائەت ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغان، شەرقىي جەنۇب ئۇنىۋېرسىتېتىدىن دوكتور ئاشتىلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۇ ئىلگىرى خىتاي قۇرۇلۇش مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋە كېيىن بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىغا ئوخشاش ئەمەللەرنى تۇتقان ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، خۇاڭ ۋېي دائىمىي ھەيئەتلەر يىغىنىدىكى سۆزىدە، ئۆزىنىڭ پارتىيە بىلەن بىر دىل، بىر نىيەتتە بولۇپ، خەلقنى باي قىلىپ، چېگرا رايوننى قوغداش ئىستراتېگىيىسى خىزمىتىنى تولۇق ئىجرا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
كۆزەتكۈچىلەر بولسا بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان بىر كىشىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ كېلىنىشىنى مەركەزنىڭ ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىزمەتلىرىنى بىۋاسىتە باشقۇرىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى دەپ قارىماقتا.