ئۇيغۇر، تىبەت ھەم خىتاي دېموكراتلىرى خۇ جىنتاۋنىڭ زىيارىتى مەزگىلىدە ئاقساراي ئالدىدا نامايىش قىلدى
2011.01.19
خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ مۇشۇ ئاينىڭ 18-كۈنىدىن 21-كۈنىگىچە ئامېرىكىدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن، تۈنۈگۈن كەچ ۋاشىنگتون شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن ئىدى. تۈنۈگۈن كەچ خۇ جىنتاۋ ئاقسارايدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن كەچلىك زىياپىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگىنىدە، ئاقساراي سىرتىغا توپلانغان تىبەت ھەم خىتاي دېموكراتلىرى خۇ جىنتاۋغا قارشى نارازىلىق نامايىشىنى باشلىغان ئىدى.
بۈگۈن ئاقساراي سىرتىدا ئۆتكۈزۈلگەن نارازىلىق نامايىشىغا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت، خىتاي دېموكراتلىرى ھەم بىر قىسىم موڭغۇللار قاتناشتى. نامايىشچىلار قوللىرىغا شەرقىي تۈركىستان ھەم تىبەت بايراقلىرىنى شۇنداقلا خۇ جىنتاۋغا قارشى شوئارلار يېزىلغان تاختىلارنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ، ئۇلار نامايىش جەريانىدا، خۇ جىنتاۋ يالغانچى! خۇ جىنتاۋ قاتىل! ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! تىبەتلەرگە ئەركىنلىك! دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان.