ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيىنى يادرو قالقىنى ئاستىغا ئېلىشقا ۋەدە بەردى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لېئون پانېتتا بۈگۈن ئامېرىكىنىڭ سىئۇلدىكى يوڭسەن ھەربىي بازىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، 1950‏-يىلىدىن 53‏-يىلىغىچە داۋام قىلغان كورىيە ئۇرۇشىدىن قېپقالغان مەسىلىگە چېتىلىدىغان جەنۇبىي كورىيىنى، ئامېرىكىنىڭ يادرو قالقىنى ئاستىغا ئېلىشقا ۋەدە بەردى.

يېقىندا خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچاڭ شىمالىي كورىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيىنى زىيارەت قىلىشقا باشلاپ، 2003‏-يىلىدىن بۇيان ئۈنۈم ھاسىل قىلىنمىغان ئالتە تەرەپ سۆھبىتىنى قايتىدىن ئېلىپ بېرىش ھەققىدە پىكىر بايان قىلىۋاتقاندا، ئامېرىكا بۈگۈن جەنۇبىي كورىيىنى يادرو قالقىنى ئاستىغا ئېلىشنى جاكارلىغان بۇنداق چوڭ ئۆزگىرىش، دەل ئامېرىكا بىۋاسىتە ھالدا شىمالىي كورىيە بىلەن جەنۋەدە ئايرىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە باشلاپ بىر كۈندىن كېيىن يۈز بەردى.