ياپونىيە بىلەن رۇسىيە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئورنىتىش جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى

ياپونىيە بىلەن رۇسىيە شەنبە كۈنى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئارال ئىختىلاپنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئورنىتىش جەھەتتە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.01.28

ياپونىيىگە زىيارەتكە كەلگەن رۇسىيە تاشقى قىشلا مىنىستىرى سېرگي لاۋروۋ ۋە ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوئىچىرو گەمبا سۆھبەت جەريانىدا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئارال مەسىلىسىنى سالماق يوسۇندا ھەل قىلىش پىكرىگە قوشۇلغان.

ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى تەرەپ پۇقرالىرىنىڭ ئۆز - ئارا بېرىش - كېلىش ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان.

كۇرىل ئارىلىنى ياپونىيىلىكلەر شىمالىي تېررىتورىيە دەپ ئاتايدۇ. بۇ ئارال 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تالاش - تارتىش نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن.

2010 - يىلى رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋ مەزكۇر ئارالنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپ سەل كۈچەيگەن.

روسىيە - ياپونىيە بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقى ئۈستىدە توختالغان ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى گەمبا : ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ خەۋپسىزلىك ۋەزىيىتىدىكى زور ئۆزگىرىشلەرگە ئەگىشىپ، ياپونىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇھىملىقى يېڭىدىن تونۇلۇشقا باشلىدى، دېدى.

لاۋروۋ : بىز ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى خەلقئارالىق ھەمكارلىقىنىڭ كېڭىيىشىنى خالايمىز، دېدى

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.