ياپونىيە ھاۋا قوشۇنلىرىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان مۇداپىئەسى ئاشۇرۇلغان

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ھاۋا قوشۇنلىرىنىڭ خىتايغا قارىتىلغان مۇداپىئەسى ئۆتكەن يىلى ئاشۇرۇلغان. ياپونىيىنىڭ دېڭىز مۇداپىئە ئورگىنىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا ئۆتكەن يىلى 4 - ئايدىن 12 - ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا ياپونىيە كۈرەشچى ئايروپلانلىرى چەتئەل كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ۋە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ ياپونىيە دېڭىز تەۋەسىگە كىرىشىدىن مۇداپىئە كۆرۈش يۈزىسىدىن 335 قېتىم جىددىي تۈردە ئۇچۇش ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئۈچ ھەسسە كۆپەيگەن ھەمدە بۇنىڭ خىتايغا قارىتىلىشى كۆپ بولغان.

0:00 / 0:00

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، ياپونىيە ئايروپلانلىرىنىڭ رۇسىيىگە قارىتىلغان مۇداپىئە سەۋەبىدىن ئۇچۇش نىسبىتى ئاساسىي سالماقنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، بىراق خىتايغا قارىتىلغان مۇداپىئە سەۋەبىدىن ئۇچۇش نىسبىتىمۇ كۆپەيگەن. ياپونىيە دېڭىز مۇداپىئە ئورگىنى خىتاي ئايروپلانلىرى ۋە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ شەرقىي دېڭىزنى مەركەز قىلىپ، ياپونىيە ئەتراپىدىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ كۈچەيگەنلىكى، سېنكاككو ئاراللىرى رايونىدا رازۋېتكا ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقى، ياپونىيىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي ھەرىكەت يۆنىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە ھۇشيارلىقنى ئاشۇرۇشى زۆرۈرلىكىنى كۆرسەتكەن.

سېنكاكو ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدا تالاش - تارتىش پەيدا قىلىپ كەلگەن بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇ ئاراللارنىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە، ئەمما ياپونىيە بۇنىڭغا قارشى.