ياپون ۋە ئامېرىكا ھەربىي خادىملىرى بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 22 - سېنتەبىر كۈنى ياپونىيە ئۆزىنى قوغداش ئەترىتى بىلەن ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىش ئەترىتىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن تىنچ ئوكياندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسىدا ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. بىرلەشمە مانېۋىر دۈشمەن ئىگىلىۋالغان ئارالنى قانداق قايتۇرۇۋېلىشقا ئۈلگە قىلىنغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مانېۋىرغا 40 نەپەر ياپون ھەربىي خادىمى بىلەن 2200 نەپەر ئامېرىكا ھەربىي خادىمى قاتناشتى.
شەنبە كۈنى ياپونىيىنىڭ توكيو شەھىرىدە بىر قانچە مىڭ كىشى قاتناشقان خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش، ياپونىيىنىڭ سېنكاكو ئارىلىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش نامايىشى يۈزبەردى. بۇ نامايىشقا ئاساسلىقى ئوڭچىلار ئېقىمىغا مەنسۇپ ئادەملەر قاتناشقان ئىكەن. نۆۋەتتە، ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى ئىختىلاپلار داۋاملاشماقتا،