خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي - ياپونىيە دوستلۇقىنىڭ خاتىرە كۈنىنى ياپونىيە ۋەيران قىلدى

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 21 - سېنتەبىردىكى باياناتىدا خىتاي - ياپونىيە دوستلۇقىنىڭ خاتىرە كۈنىنى ياپونىيە ۋەيران قويغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.


خىتاي - ياپونىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەنلىكىنىڭ 40 يىللىق خاتىرە كۈنى بۇ ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئارال ماجىراسى تازا جىددىيلەشكەن مەزگىلگە توغرا كەلگەن ئىدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خوڭ لېي بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ: ئىلگىرى ھەممەيلەن خىتاي ۋە ياپونىيىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك خاتىرە كۈنى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈدىغانلىقىغا ئۈمىد بىلەن قارىغان. ئەمما، ياپونىيىنىڭ دياۋيۈ ئارىلىنى قانۇنسىز سېتىۋېلىشتىن ئىبارەت خاتا قارارى تۈپەيلى مەزكۇر خاتىرە كۈنىگە بېغىشلانغان نۇرغۇن پىلانلار ۋەيران بولدى. نۆۋەتتە نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. بۇنىڭدىكى گۇناھ ياپونىيىدە، دېدى.

ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئىككى ھەپتە ئىلگىرى سېنكاكۇ ئارىلىنى بىر ياپونىيە پۇقراسىنىڭ قولىدىن سېتىۋالغاندىن كېيىن بۇ خىتايدا دۆلەت خاراكتېرلىك ئىنكاس قوزغىغان.

خىتاي پۇقرالىرى 100 دىن ئارتۇق شەھەردە نامايىش قىلىپ، ياپونىيە دىپلوماتىك ئورگانلىرى ۋە ياپونىيە سودا - سارايلىرىغا ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

ياپونىيە ئاخباراتلىرىدا 21 - سېنتەبىر ئېلان قىلىنغان ئوبزورلاردا «مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى خىتايدا» ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىلدى.