ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ناكاسونې بۈگۈن خىتاينى زىيارەت قىلدى

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خىروفۇنى ناكاسونې بۈگۈن خىتاينى زىيارەت قىلدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، ناكاسونې بۇ قېتىم خىتاي بىلەن بۇرۇن تۈزگەن ھەمكارلىشىپ ئېنېرگىيە ئېچىش كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كەلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.02.28

ناكاسونېنىڭ بۇ قېتىمقى خىتاي زىيارىتى دەل ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە جىددىيلىك پەيدا بولغان مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە توغرا كەلدى. ئۆتكەن يىلى يازدا، ياپونىيە بىلەن خىتاي شەرقىي دېڭىزدىكى تەبىئى گاز بايلىقلىرىنى ئورتاق ئېچىش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزگەندىن كېيىن، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلىنىشقا باشلىغان ئىدى.

ئەمما يېقىندا ، ياپونىيە باش مىنىستىرى تارو ئاسو سەنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئامېرىكا - ياپونىيە بىخەتەرلىك كېلىشىمى بۇيىچە قوغدىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ بۇ ئارالغا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى قايتىدىن جاكارلىغان ئىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن تەيۋەنمۇ خىتايغا ۋە ياپونىيىگە قارىمۇ - قارشى ھالدا بايانات ئېلان قىلىپ، تەيۋەننىڭ بۇ ئارالغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى جاكارلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ناكاسونې بۈگۈن خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ياڭ جېچى بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇ ئەتە ۋېن جاباۋ بىلەن كۆرۈشىدىكەن.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.