ياپونىيە تۆۋەن پالاتاسى تارقىتىلدى

ياپونىيە باش ۋەزىرى يىشىخىكو نودا جۈمە كۈنى كېلەر ئايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان سايلام ئۈچۈن ياپونىيە تۆۋەن پالاتاسىنى تارقاتقانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.11.17
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


كىشىلەر بۇ نۆۋەتلىك سايلامدا نودا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان «ياپونىيە دېموكراتىك پارتىيىسى» نىڭ ھوقۇقنى سابىق باش ۋەزىر شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى «ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى» گە تارتتۇرۇپ قويىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا.

جۈمە كۈنى چاقىرىلغان ئالاھىدە يىغىندا ياپونىيە پارلامېنت سايلىمىنى 16 - دېكابىر ئېلىپ بېرىش قارا قىلىندى.

نۆۋەتتە ياپونىيىدىكى ھوقۇق بېشىدىكى پارتىيە - «ياپونىيە دېموكراتىك پارتىيىسى» خىتاي بىلەن بولغان ئارال ماجىراسىدىكى يۇمشاقلىقى ۋە ئۆتكەن يىلى ياپونىيىدە يۇز بەرگەن دېڭىز تاشقىنىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلىدىكى سۇسلۇقى تۈپەيلى ياپونىيە خەلقنىڭ ئۈزلۈكسىز بىسىمغا ئۇچراپ كەلگەن.

شىنزو ئابې باشچىلىقىدىكى «ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى» خىتايغا ئەڭ قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ كېلىۋاتقان مىللەتچى پارتىيە. ئۇلار ئۆتكەن ھەپتىدىكى باياناتىدا ئەگەر ھوقۇق سەھنىسىگە قايتا چىقسا ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى يەنە ئاشۇرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ خىتاينى بىئارام قىلغان ئىدى.

شىنزو ئابې ياپونىيىدىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتىنى قوللىغۇچى ياپون سىياسىيونلىرىدىن بىرى. ئۇ بۇ يىل مايدا ياپونىيىدە چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەرنى قوبۇل قىلغان ۋە ياپونىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان «ياپونىيە - ئۇيغۇر دوستلۇق جەمئىيىتى» نىڭ باش مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.