ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى ئۈرۈمچىدە قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھوقۇقىنى تولۇق قوغداشقا چاقىردى

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا خىتاينى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا ۋە بۇ يىل ئىيۇلدا ئۈرۈمچىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىش جەريانىدا قولغا ئېلىنغانلارنىڭ ھوقۇقنى تولۇق قوغداشقا چاقىردى.

بۇ چاقىرىق، 22 - سېنتەبىر جەنۋە شەھىرىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە كېڭەش دىققەت قىلمىسا بولمايدىغان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە چاقىرىلغان مۇنازىرە يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بۇ چاقىرىقنى مەزكۇر يىغىندا شۋېتسىيىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئەلچىسى ھانس داھلگرېن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ۋاكالىتەن ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ خىتاينى پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشقا چاقىرىپ مۇنداق دېدى: " بۇ يىل ئىيۇلدا شىنجاڭدا يۈز بەرگەن مۇقىمسىزلىقلارغا نىسبەتەن ياۋروپا ئىتتىپاقى كىشىلەرنىڭ سۆز - پىكىر ئەركىنلىكى ۋە تىنچ يوسۇندا يىغىلىش قىلىش ھوقۇقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ نۆۋەت قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنىش كېرەك."

5 - ئىيۇل نامايىشىدىن كىيىن خىتاي دائىرىلىرى كۆپلىگەن ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز ھالدا تۇتقان ئىدى.