ب د ت مۇتەخەسسىسى خىتاينىڭ يېمەك-ئىچمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى تەنقىد قىلدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى مۇتەخەسسىسى دې شاتتېر بۈگۈن بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسى كىشىنى تولىمۇ بىئارام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دې شاتتېر پەيشەنبە كۈنى خىتايدا ئېلىپ بارغان 9 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئاياغلاشتۇرغان بولۇپ، ئۇ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، خىتايدا مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار زەھەرلىك يېمەك - ئىچمەك ۋەقەلىرىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بەزى ئىجابىي قەدەملەرنى تاشلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى پائالىيەتچىلەرگە تۇتقان مۇئامىلىسىنىڭ توغرا بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ،خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ھوقۇقىنى قوغدىغان شەخسلەرنى قامال قىلىپ، ئۇلارغا جىنايى جازا ئارتىشقا ئوخشاش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۆزىنى ئەندىشىگە سالغانلىقىنى ئېيتقان.

ئىگىلىنىشىچە، دې شاتتېر خىتايدا ئېلىپ بارغان بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر ئارىغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ بۇ ئۇچرىشىشلاردا تېخى يېقىندا ئىككى يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان جاۋ ليەنخەينىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

جاۋ ليەنخەي بولسا بېيجىڭلىق كىشى بولۇپ، ئۇنىڭ بالىسى خىتايدا 2008- يىلى يۈز بەرگەن زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋەقەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان 300 مىڭ ئۆسمۈرنىڭ بىرى. جاۋ ليەنخەي ئەينى ۋاقىتتا مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ زىيانغا ئۇچرىغان بالىلار ئۈچۈن تۆلىگەن تۆلىمىگە رازى بولمىغان شۇنداقلا باشقا ئاتا - ئانىلارنى بىرلىكتە يۇقىرىغا ئەرز سۇنۇشقا تەشكىللىگەنلىكتىن قولغا ئېلىنىپ، ئالدىنقى ئايدا " جەمئىيەت ئامانلىقىنى بۇزۇش" جىنايىتى بىلەن ئىككى يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى دې شاتتېر سۆزىدە، خىتاي دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئاخبارات ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ جەمئىيەت تەرتىپى ۋە يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە ئائىت مەسىلىلەرنىڭ بالدۇرراق يوقىتىلىشى ئۈچۈن پايدىلىقلىقىنى، ئۆزىنىڭ جاۋ ليەنخەينىڭ مەسىلىسى ئۈستىدە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن داۋاملىق پىكىر ئالماشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.