خىتاي يەنە 5 نەپەر ئۇيغۇرنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010.01.26
2010.01.26
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بۇ 13 نەپەر مەھكۇم، 5 - ئىيۇلدىكى 5 ئايرىم دېلوغا چېتىلىپ سوتلانغان. ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلار ئالىم ئابدۇۋەلى، ئابدۇكېرىم ئابلەت، ئالىمجان ئەركىن، قۇربانجان ھۈسەيىن، يۈسۈپقادىر ئابدۇكېرىم قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلاردىن يۈسۈپقادىر ئابدۇكېرىم 2 يىللىق كېچىكتۈرمە ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رويتېرىس قاتارلىق خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىغا بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازالىرى بىلەن رايوندا مۇقىملىقنى قوغدىيالمايدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ئالى كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى ئۆتكەن يىلى سېنتەبىر ئېيىدا، 5 - ئىيۇل ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ، خىتاينى ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىشتا ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغان يىلتىز خاراكتېرلىك سەۋەبلەرنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرغان ئىدى.
خىتاينىڭ 5 - ئىيۇل مەسىلىسىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ پىكىر ۋە چاقىرىقلىرىغا پەرۋا قىلمايۋاتقانلىقى ئاشكارا كۆرۈلمەكتە. نۆۋەتتە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خەلقئارا جامائەتنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن خىتايغا تۇتىدىغان پوزىتسىيىسىنى دىققەت بىلەن كۆزەتمەكتە.