جاڭ چۈنشيەن، 6 - ماي ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشكە بېرىپ، يېقىندا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئاچىدىغان " شىنجاڭ خىزمىتى يىغىنىنى" نى كۈتۈۋېلىش ۋە يىغىن روھىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغان.
ئۇ سىياسىي كېڭەشتە يەنە، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا توختالغان.
جاڭ چۈنشيەن 6 - ماي يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق خىتاي ھەربىي قىسىملىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىي قىسىملارنىڭ مەركەز ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا بويسۇنۇپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە، ھەربىي قىسىملارنىڭ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى" نى تىنچىتىشتا "سىياسىي مەيدانى مۇستەھكەم، تۈزۈمگە بويسۇنۇشتا قاتتىق، ھەرىكىتى كەسكىن" بولغانلىقىغا ئالاھىدە يۇقىرى باھا بەرگەن.
جاڭ چۈنشيەن: "شىنجاڭنىڭ زېمىنى كەڭ، بايلىقى مول. ئۇ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىدىكى بىر گۆھەر زېمىن. شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى، غەربكە قاراپ تەرەققىي قىلىشتىكى كۆۋرۈك ئىستىھكامى، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئىستراتېگىيىلىك توسۇق ۋە ئىستراتېگىيىلىك مۇھىم جاي" دېگەن.
ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەربىي قىسىملاردىن "مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا" دېگەن روھنى تۇرغۇزۇپ، "شىنجاڭنىڭ مۇقىملىق خىزمىتىنى مەركەز قىلغان ئاساستا "3 خىل كۈچلەرگە" ئىزچىل يۇقىرى بېسىم بىلەن قارشى تۇرۇشنى بوشاتماسلىق" نى تەلەپ قىلغان.
جاڭ چۈنشيەن 24 - ئاپرېل ئۇيغۇر ئېلىگە تەيىنلەنگەن. ئۇنىڭ خەلقچىل ۋە دېموكراتىك ئىدىيىگە ئىگە رەھبەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. ھالبۇكى، جاڭنىڭ يۇقىرىدا قىلغان سۆزلىرى ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدىكىدىن ئالاھىدە پەرقلەنمەيدىغاندەك قىلاتتى.