ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى باياناتچىسى ۋىكتورىئال نۇلاند تۈنۈگۈن 29-نويابىر بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ماجىرالارغا قارىتا، ئامېرىكا، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ھازىرغا قەدەر ئىككى قېتىم بۇ مەسىلىگە چۈشەندۈرۈش بېرىشنى تەلەپ قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىگە قارىتا ئۆزىنىڭ قارىشىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.ئەمما بىز باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدە قايتا ئويلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.
خىتاينىڭ بۇ يىل 5-ئايدا تارقاتقان يېڭى پاسپورتىدا ئۇزۇندىن بۇيان جەنۇبىي دېڭىزدىكى دۆلەتلەر ئارىسىدا تالاش-تارتىشلارغا سەۋەب بولۇۋاتقان ئاراللارنى ئۆزىنىڭكى قىلىۋالغانلىقى فىلىپپىن، ۋيېتنام، ھىندىستان، مالايشىيا، تەيۋەن، برونېي قاتارلىق قوشنا مەملىكەتلەردە ۋە رايونلاردا نارازىلىق پەيدا قىلغان ئىدى. تۈنۈگۈن فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يېڭى پاسپورتىغا ۋىزا بەرمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. خىتاي تەرەپ بولسا جەنۇبىيي دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىدىغان كېمىلەرگە قارىتا تەكشۈرۈشنى يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.