ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسمىدا 4. 5 بال يەر تەۋرىدى

ئامېرىكا يەر تەۋرەشنى يىراقتىن ئۆلچەش ئىدارىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 21 - ئىيۇل شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 7:05 مىنۇت ئۆتكەندە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي قىسمىدا 4. 5 بال يەر تەۋرىگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.07.21


ئۇچۇردا كۆرسىتىشىچە، يەر تەۋرەش غۇلجا ناھىيىسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا 138 كىلومېتىر كۇچا ناھىيىسىنىڭ شىمالىغا 182 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا كۆرۈلگەن.

ئۇچۇردا بېرىلگەن خەرىتە كوئوردېناتىغا قارىغاندا يەر شىمالىي كەڭلىك 43.370 گرادۇس، شەرقىي ئۇزۇنلۇق 82.806 گرادۇستا تەۋرىگەن بولۇپ، بۇ كۈنەس ناھىيىسى شوربۇلاق بازىرى بىلەن توققۇستارا نەھىيىسى موخۇر يېزىسى ئارىسىدىكى بىر تاغلىق رايونغا توغرا كېلىدۇ.

ھازىرچە يەر تەۋرەشنىڭ ئەتراپتىكى ئاھالىلەرگە زىيان يەتكۈزگەن ياكى يەتكۈزمىگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.