ئامېرىكا ۋە خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ھەققىدە پەرقلىق ئۇچۇر تارقاتتى

ئامېرىكا ۋە خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ھەققىدە پەرقلىق ئۇچۇر تارقاتتى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.12.08


خىتاي ئاخباراتىدا «بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا 5.1 بال يەر تەۋرىگەن» دەپ كۆرسىتىلدى.

ھالبۇكى، ئامېرىكا يەر تەۋرەشنى يىراقتىن تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئۇچۇرىدا يەر تەۋرەشنىڭ 5.3 بال ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىلدى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن تەبىئىي ئاپەت دەرىجىسىنى ئەزەلدىن كىچىكلىتىپ خەۋەر قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

يەر تەۋرەش شۇ جاي ۋاقتى كەچ سائەت 10 دىن 8 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەن، ئۆلۈم يېتىم ھادىسىلىرى كۆرۈلمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.