تىبەتلەر رايونىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەر مىڭدىن ئاشقان

چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ تىبەتلەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان يىشۇ ئوبلاستىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، مىڭغا يېتىدىغانلىقى پەرەز قىلىندى. يەر تەۋرەش ئاپىتى يۈز بېرىپ، 2‏ - كۈنى 791 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولغانلىقى، 300 گە يېقىن كىشىنىڭ ئىز دېرىكى يوقلۇقى، يارىلانغانلارنىڭ بولسا 9 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-04-16
Share

لېكىن دائىرىلەر ئۆلگەن پۇقرالارنىڭ سانىنىڭ 617 نەپەر ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. يەرلىك پۇقرالار ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھۆكۈمەت ئېلان قىلغاندىن كۆپ ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋنىڭ جۈمە كۈنى ئاپەت رايونىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، دائىرىلەرگە "ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە" قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىش يوليورۇقى بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەتبۇئاتلار ھەربىي قىسىملارنىڭ ۋە قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئاپەت رايونىدا جىددىي قۇتقۇزۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىغا دائىر مەدھىيە خاراكتېرلىك تەشۋىقات خەۋەرلىرىنى كەڭ كۆلەملىك تارقاتماقتا. لېكىن ئاپەت رايونىدىكى يەرلىك ئامما ياردەمگە ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلىپ، چېدىر، يېمەك - ئىچمەك ھەم يېقىلغۇ مەسىلىسىدە جىددىي قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بۇ جەھەتتىكى ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ ھازىرغا قەدەر يېتىپ كەلمىگەنلىكىنى، كېچىنى تالادا ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا يىشۇدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. تۈنۈگۈن ئاقساراي بايانات ئېلان قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغانلاردىن ھال سورايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۈگۈن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پەلۇسى خانىم بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن كۈچى بىلەن ياردەمگە تەييار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت