يەركەنتتىكى قاتناش ۋەقەسىدە 8 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

يەكشەنبە كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەركەنت ناھىيىسى تەۋەسىدىكى تاش يولدا ئېغىر قاتناش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 8 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.11.25


بۇ ۋەقە ھەققىدىكى ئۇچۇر دەرھال خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن تارقىتىلغاندىن كېيىن خەلقارا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ خەۋەر بەردى. ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى بولسا، قەشقەر رايونىدا قاتناشقان ۋەقەسى يۈز بېرىپ 8 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر تارقاتتى. ئەمما مەزكۇر ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ ھېچ قايسىسىدا بۇ ۋەقەدە قازا قىلغانلارنىڭ مىللەت تەركىبى ھەققىدە ھېچ نېمە دېيىلمىگەن. خىتاي ئاخباراتىنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، 7 ئادەم ئولتۇرغان جىپ ماشىنا بىلەن «شەرق شامىلى» ماركىلىق بىر پاختا باسقان يۈك ئاپتوموبىلى يەركەنت ناھىيىسى تەۋەسىدە چوڭ يولدا سوقۇشۇپ كېتىپ، جىپ ماشىنىدىكى 4 ئادەم نەق مەيداندا ئۆلگەن، باشقا يارىلانغان 3 ئادەم ۋە چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرى دوختۇرخانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللار ئىچىدە ئۇيغۇر ئېلىدە بولۇپمۇ قەشقەر، ئۈرۈمچى، خوتەن قاتارلىق جايلاردا بىر قاتار ۋەقەلەر يۈزبەرگەندىن كېيىن، خەلقارا مەتبۇئاتلار بۇ جايلاردىكى ھەر قانداق شەكىلدىكى ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.