شىئەن، لەنجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە يىڭنە ھۇجۇمنى ئاشكارىلىغانلارنى جازالىماقتا

'خىتايغا نەزەر' تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئىچكىرى ئۆلكىلەردە يۈز بېرىۋاتقان يىڭنە ھۇجۇمىنى ئىنتېرنېت ياكى يانفون ئارقىلىق ئاشكارىلىغان كىشىلەرنى تۇتۇپ جازالىماقتا.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچىدە 'يىڭنە ھۇجۇمى' يۈز بېرىپ جەمئىيەتتە جىددىي داۋالغۇش پەيدا بولغاندىن كېيىن، شەنشى گەنسۇ، سىچۇەن ئۆلكىلىرىدىكى شىئەن، يۈلىن، لەنجۇ، نەنچوڭ قاتارلىق شەھەرلەردە، يىڭنە ھۇجۇمى توختىماي يۈز بېرىپ، جەمئىيەتتە ناھايىتى چوڭ ئەنسىزلىك پەيدا بولىۋاتقان ئىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا يىڭنە ھۇجۇمى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىنتېرنېت ياكى يانفون ئارقىلىق ئاشكارىلىغان كىشىلەرنى تۇتۇپ جازالىغان. چۈنكى بۇ شەھەرلەردە يۈز بەرگەن يىڭنە ھۇجۇمىدا، يىڭنىلەردە 'زەھەرلىك ماددا' بايقالغان. شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ شەھەرلەردە 1‏ - ئۆكتەبىر مەزگىلىدە، خەلقنىڭ سرتقا چىقىشىنى چەكلەيدىغان ناھايىتى قاتتىق تەدبىر قوللانغان.

ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ شاھىدلىرى، خىتاي ساقچىلىرى ئۇيغۇرلارغا يىڭنە بىلەن ھۇجۇم قىلىپ بىھۇش قىلىپ قويغان ھادىسىلەرنى كۆرگەن ۋە بۇنى خىتاينىڭ خېمىيە قوراللىرى بولۇشى مۇمكىن، دەپ گۇمان قىلغان ئىدى.