خىتايدا يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ تېزلىكتە تارقىلىشى خەلقئارا سەھىيە كومىتېتىنى ئەنسىرەتمەكتە

ب د ت نىڭ خەلقئارا سەھىيە كومىتېتى 2011-يىل يېڭى يىل ھارپىسىدا دوكلات ئېلان قىلىپ، قۇش زۇكىمى، سارس قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش تەس بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ خىتايدا تارقىلىشى زىيادە تېز بولۇش ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا دېيىلىشىچە، 2003-يىلى خىتايدا سارس كېسىلى تارقىلىپ دۇنيادا ۋەھىمە پەيدا قىلغاندىن بۇيان، خىتايدا تېز تارقىلىشچان يۇقۇملۇق كېسەللەرگە قارىتا ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ئىشلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا سارس كېسىلى، قۇش زۇكىمى قاتارلىق كېسەللەرنىڭ تارقىلىش يوللىرى يېتەرلىك كونترول قىلىنمىغان.

دوكلاتتا 1 مىليارد 300 مىليون نوپۇسقا ئىگە بولغان خىتايدا، ئەگەر بۇ خىل خەلق ئارىسىدا تارقىلىش سۈرئىتى تېز ھەم ئومۇميۈزلۈك بولغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنمىسە، بۇنىڭ دۇنيا خەلقىنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن بىر چوڭ تەھدىت بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىپ، خىتاي سەھىيە مىنىستىرلىقىدىن خىتايدا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش يوللىرىنى كونترول قىلىش ھەم بۇ كېسەللەرگە قارشى ۋاكسىنا ئەملەش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇش تەلەپ قىلىنغان.