ئىشچىلار خىتاي كۆمۈرچىلىك شىركىتىنىڭ يەنە بىر ۋەكىلىنى ئېغىر يارىلاندۇرغان. بۇ جېدەل خىتاي كۆمۈرچىلىك شىركىتى يەرلىك ئىشچىلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ۋەدىسىنى ئىجرا قىلمىغانلىقتىن يۈز بەرگەن. زامبىيىلىك ئىشچىلار مائاشىنى ئۆستۈرۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، خىتاي كان دىرېكتورى بىلەن جېدەللەشكەن. غەزىپىگە پايلىمىغان ئىشچىلار ۋۇ شېڭزەي ئىسىملىك خىتاي دىرېكتورنى كۆمۈر ۋاگونىغا باستۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.
خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئافرىقىنىڭ كان بايلىقىغا مىلياردلاپ دوللار مەبلەغ سېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن بولغان سودا ھەجمىنى166 مىليارد دوللارغا چىقارغان. يېقىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ كەلگۈسى 3 يىلدا ئافرىقا ئەللىرىگە 20 مىليارد دوللار قەرز بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بىراق، خىتاينىڭ ئافرىقىغا سالغان مەبلىغى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب ئەللىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار خىتاينىڭ نوقۇل ئېنېرگىيە ۋە كان بايلىقىنى دەپ ئافرىقا ئەللىرىگە سېلىۋاتقان مەبلىغى ۋە بېرىۋاتقان قەرزى، مۇھىتنى ۋەيران قىلىپ، ئافرىقا ئەللىرىدىكى پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىكنى ئېغىرلاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئىشچىلارنىڭ ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارى كلىنتون ئافرىقىدىكى سېنېگال، جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق 8 دۆلەتكە زىيارەتكە چىقىپ، ئافرىقا ئەللىرىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
گەرچە كلىنتون خانىم خىتاينىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ، باشقىلار كۆپ پايدا ئېلىپ، ئافرىقا خەلقى ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيدىغان بۇنداق ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.