خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى' بۈگۈن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم جاڭ چۈنشەن بىڭتۇەن پارتكومىنىڭ قوشۇمچە بىرىنچى سېكرېتارلىقىنى، چې جۇن بىڭتۇەننىڭ سىياسىي كومىسسارلىقىنى ئۆتەيدۇ، دەپ قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مەركىزى ئاگېنتلىقى بۇنى، بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ بىر يىللىق خاتىرە كۈنلىرى يېتىپ كېلىۋاتقاندا، بىڭتۇەننىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا يۈز بەرگەن بىر ئۆزگىرىش دەپ بايان قىلدى.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان 'شەپە' ژۇرنىلى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنىدىكى سانىدا، خىتاينىڭ يېڭى چېگرادا ئېلىپ بېرىۋاتقان 'تەرەققى قىلدۇرۇش' دەپ ئاتالغان ھەرىكىتىنى 'پۇلنىڭ چوڭىنى ئەكىتىپ، قەرزىنىڭ كىچىكلىرىنى تۆلەش' دەپ تەسۋىرلىگەن ۋە جاڭ چۈنشەننى 'قوي تېرىسىگە ئورىنىۋالغان بۆرە' دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.