ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ چاغان بايرىمى مەزگىلىدە ئۇزۇن مەزگىللىك ئېغىر كېسەلدىن ساقىيالماي ۋاپات بولغان جۇئاڭ زېدوڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تارىخىدىن ئورۇن ئالغان تەنھەرىكەتچى ئىدى. 
 
 جۇاڭ زېدوڭ 1971 - يىلى، ياپونىيىدە ئامېرىكا ماھىرى بىلەن تىكتاك توپ مۇسابىقىسىغا چۈشكەندىن كېيىن، ئۇنىڭغا سوۋغا تەقدىم قىلىش بىلەن ماۋ زېدوڭ ئامېرىكا تىكتاكتوپ ئۆمىكىنى خىتايغا تەكلىپ قىلغان. بۇ ھەرىكەت، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقان بولۇپ، ئارقىدىنلا كىسىگىنگەر بېيجىڭنى زىيارەت قىلغان، 1972 - يىلى بولسا، پرېزىدېنت نىكسون بېيجىڭغا كەلگەن. 
 
 ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مەزكۇر دىپلوماتىيە خەلقئارادا تىكتاكتوپ دىپلوماتىيىسى دەپ نام ئالغان. ماۋ زېدوڭ جۇاڭ زېدوڭنى ماختاپ، « جۇاڭ زېدوڭ ياخشى تىكتاك توپچىلا ئەمەس، بەلكى ياخشى دىپلومات ئىكەن» دېگەن ئىكەن. 
 
 جۇاڭ زېدوڭ جاڭ چىڭنىڭ ئەتىۋارلىشىغا ئېرىشكەن، كېيىن چەتكە قېقىلىپ، ۋەزىپىلىرىدىن قالدۇرىۋېتىلىپ ئۇزۇن مەزگىل ئازاپ چەككەن. 
 
