ئامېرىكا نېپالدا تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىدىن " چوڭقۇر قايغۇردى"

نېپال دائىرىلىرى جۈمە كۈنى كاتماندۇدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان تىبەت مۇساپىرلىرىدىن تەخمىنەن 70 دەك كىشىنى قولغا ئالغان. نېپال پايتەختى كاتماندۇدىكى بىر ساقچى ئەمەلدارى فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا 70دەك تىبەت نامايىشچىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى، ئۇلارنى كېيىنچە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.06.27

 نامايىشچىلارنىڭ كۆپ قىسىمى راھىب ۋە راھىبەلەرنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئۇلار خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا تىبەت بايرىقىنى كۆتۈرۈپ " نومۇس، نومۇس، خىتايغا نومۇس" دېگەن شۇئارلارنى توۋلىغان ئىدى. بۇ يىلنىڭ مارت ئېيىدا يۈز بەرگەن لخاسادىكى ئىسياننىڭ باستۇرۇلۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، نېپالدىكى تىبەت مۇساپىرلىرى ئاساسەن ھەر كۈنى دېگۈدەك پايتەخت كاتماندۇدا نامايىش قىلماقتا.

تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ جۈمە كۈنى تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى ئامېرىكىنىڭ پەيشەنبە كۈنى نېپالدىكى تىبەت پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەقدىرىدىن" چوڭقۇر قايغۇرۇۋاتقانلىقى" نى ئېلان قىلغاندىن كېيىن يۈز بەردى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تام كەيسېي، " قوشما شتاتلار دۆلىتى نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا كېلساڭ چۇڭ، ناۋاڭ ساڭمو، تاشى دولما ئىسىملىك ئۈچ نەپەر تىبەت مۇساپىرلار رەھبەرلىرىنى سوئال - سوراقسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىدىن چوڭقۇر قايغۇرماقتا " دەپ تەكىتلىگەن ھەم "بۇ كىشىلەر دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشى لازىم " دەپ ئەسكەرتكەن ئىدى.

21 ‏- ئىيۇن كۈنى بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلى لخاسادا يەتكۈزۈلگەندە نېپالدىكى تىبەت مۇساپىرلىرى مەشئەلنى يەتكۈزۈش پائالىيىتىگە قارشى كاتماندۇدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزگەن. شۇ كۈنى نامايىشچىلاردىن 500 ئادەم نېپال ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ سۇئال - سوراققا تارتىلغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.