تىبەت تەشكىلاتلىرى ئولىمپىك كۈنى بېيجىڭدا نامايىش قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكىدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى ئولىمپىك مەزگىلىدە بېيجىڭدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتتىكى بېسىمىغا ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلىمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.08.01

 مەركىزى نيۇ يوركتىكى ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ جۈمە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار ئولىمپىك كۈنى بېيجىڭدا "ھەيران قالارلىق" ساندىكى تەنتەربىيىچى ۋە ئولىمپىك قاتناشقۇچىلىرى تور چاقىرىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، تىبەتنى قوللايدىغانلىقىنى نامايەن قىلىدىكەن.

بۇ ئۇچۇرنى ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى لادون تېتوڭ جۈمە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقىغا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئاشكارىلىدى. لېكىن شۇ كۈنى تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چىڭلى " تىبەتتىكى قىسىملارنىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تەييار تۇرۇش، دۆلەت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى ۋە رايوننىڭ تىنچ تەرەققىياتىنى قوغداش"نى تەكىتلىگەن.

ئەركىن تىبەت ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىدىكى لادون تېتوڭ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئولىمپىكنى قوللىنىپ، " تىبەتتىكى ئىشغالىيىتىنى قانۇنلاشتۇرماقچى" بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

 ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكى تىبەتلەر 8 ‏ - ئاينىڭ 7 - كۈنى يەنى ئولىمپىك يىغىنى ئېچىلىشنىڭ ھارپا كۈنى ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون قاتارلىق شەھەرلىرىدە خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىماقتا. لېكىن لادون تېتوڭ، بىخەتەرلىك تۈپەيلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزمەكچى بولغان نامايىشنىڭ تەپسىلاتىنى ئېلان قىلمىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.