تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما دوختۇرخانىدىن چىقتى

ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھىرىدە داۋالىنىۋاتقان تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن دوختۇرخانىدىن چىققان. مەلۇم بولۇشىچە، دالاي لاما قورساق ئاغرىقى ۋە روھسىزلىق ئالامەتلىرى بىلەن ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھەرلىك دوختۇرخانىسىدا ياتاققا ئېلىنغان ئىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.09.01

 رويتېرستا نەقىل قىلىنىشىچە، دالاي لامانىڭ ياردەمچىسى چھىمې چھوئېكياپا، گەرچە دالاي لامانىڭ سالامەتلىكى پۈتۈنلەي ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مۇمباي شەھىرىدە يەنە بىر نەچچە كۈن ئارام ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دالاي لاما يېقىندا بۇددىزم تەلىماتى لېكسىيىسى سۆزلەش ئۇچۇن فرانسىيىدە 10 كۈندىن ئارتۇق زىيارەتتە بولغان ئىدى.

گەرچە دالاي لاما بۇ نۆۋەت يەنە بىر نەچچە دۆلەتنى زىيارەت قىلىشنى پىلان قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سالامەتلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن بۇ سەپەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىكار قىلغان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.