دالاي لاما فرانسىيە زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.08.23
2008.08.23
دالاي لاما، خىتاي - فرانسىيە مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يىرىكلىشىشىگە سەۋەب بولغان بۇ قېتىمقى فرانسىيە زىيارىتى جەريانىدا، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەرنارد كوچنەر، فرانسىيە كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرى رادا يادە ۋە فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىينىڭ خانىمى كارلا برونى ساركوزىي قاتارلىق فرانسىيە دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، سىياسىي پارتىيىلەرنىڭ ۋەكىللىرى شۇنىڭدەك كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى دالاي لاما نىڭ فرانىسيگە قاراتقان زىيارىتىگە بولۇپمۇ فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بەرنارد كوچنەر قاتارلىق فرانسىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچراشقانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى چارشەنبە كۈنى بېيجىڭدا بەرگەن باياناتىدا فرانسىيە ھۆكۈمىتىنى خىتاي ئۈچۈن ناھايىتى " مۇھىم ۋە سەزگۈر مەسىلە بولغان تىبەت مەسىلىسىگە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان.