دالاي لاما سالامەتلىكىنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلى سەپىرىنى بىكار قىلدى

تىبەتنىڭ دىنىي داھىيسى دالاي لاما، سالامەتلىكىنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلى پىلان قىلىنغان زىيارەت سەپەرلىرىنى بىكار قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻗﯩﺪﻩ ﺧﻪﯞﯨﺮﻯ
2008.08.28

 ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، درامسالادىن ئالغان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسەن پەيشەنبە كۈنى، دالاي لامانىڭ سالامەتلىكىنىڭ دېگەندەك ياخشى بولماسلىقى سەۋەبلىك ئىككى دۆلەتتە ئېلىپ بارماقچى بولغان سەپىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق بېسىمىغا پەرۋا قىلمىغان، غەرب ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرى دالاي لامانى دىنىي داھىي سۈپىتىدە قوبۇل قىلىپ كەلمەكتە. دالاي لاما تىبەتتىن ئايرىلغان 50 يىلدىن بۇيان مەيلى ھۆكۈمەت ۋە ياكى ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ بولسۇن، ئېتىراپ قىلىشىغا مۇيەسسەر بولماقتا.

دالاي لاما نۇرغۇن دۆلەتلەردە زىيارەتتە بولۇش جەريانىدا، تىبەت بۇددىزمى ھەققىدە تەلىماتلىرىنى ئاڭلاتقاندىن سىرت، تىبەتنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ تىبەتكە ھەقىقى ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىش مۇددىئاسىنىمۇ بىردەك ئاڭلىتىپ كەلمەكتە. شۇڭا خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى ئىزچىل بۆلگۈنچى دەپ قاراپ، دالاي لاما ۋەكىللىرى بولغان سۆھبەتنى نەتىجىسىز قالدۇرماقتا.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.