دالاي لامانىڭ تەن سالامەتلىكى ياخشى
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.08.30
2008.08.30
73 ياشتىكى تىبەتلەرنىڭ داھىسى دالاي لاما پەيشەنبە كۈنى ئۆزىنى بىئارام ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھىرىدە دوختۇرخانىغا ياتقۇزۇلغان ئىدى.
دالاي لاما نىڭ باياناتچىسى تەنزىن تاكلا شەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، " دوختۇرلار دالاي لاما نىڭ سالامەتلىكىدە ھېچقانداق مەسىلە يوقلىقىنى. پەقەتلا بىراز ھارغىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى" دەپ كۆرسەتتى.
تەنزىن تاكلا نىڭ بىلدۈرۈشىچە، سالامەتلىك مەسىلسىى سەۋەبىدىن مېكىسكو ۋە دومىنىكا جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق چەت دۆلەتلەرگە قاراتقان زىيارىتىنى شۇنىڭدەك نۇرغۇنلىغان ئۇچرىشى ۋە يىغىنلارغا قاتنىشىشنى بىكار قىلغان دالاي لاما، يەكشەنبە كۈنى ئاخشىمى دوختۇرخانىدىن چىقىدىكەن ۋە بىر قانچە ۋاقىت دەم ئالىدىكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دوختۇرخانىدا بولغانلىقىغا قارىماي، شەنبە كۈنى تىبەتلىك بۇددىست راھىبلار تەرىپىدىن دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىنى تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بۇراش ئۈچۈن، باشلىتىلغان 12 سائەتلىك ئاچلىق ئېلان قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، تىبەت مىللىي ھەرىكىتىنىڭ مەركىزى ھېسابلانغان ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدە 2000 تىبەتلىك بۇددىست راھىب 12 سائەتلىك ئاچلىق ئېلان قىلغان.