دالاي لامانىڭ ۋەكىلى بېيجىڭ سۆھبىتى " ناھايىتى مۈشكۈل "سۆھبەتلەردىن بىرى بولغانلىقىنى بىلدۈردى
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.07.04
2008.07.04
لودى گيارىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ يىغىندا خىتاينىڭ دالاي لامانى ئولىمپىك يىغىنىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلماقچى، تىبەتتىكى ھۆكۈمەتكە قارشى ئىسياننىڭ پىلانلىغۇچىسى، دېگەن ئەيىبلەشلىرىنى تەنقىدلىگەن.
سۆھبەتنىڭ ئىككى تەرەپ ئېلىپ بارغان "ئەڭ مۇشەققەتلىك سۆھبەتلەرنىڭ بىرى" بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن لودى گيارى، "مەن خىتاي مەسلەكداشلىرىمغا شۇنى ئەسكەرتتىم، ئەگەر ئۇلارنىڭ سەمىمىي نىيىتى بولمىسا ۋاقىت ئىسراپ قىلىش ھاجەتسىز". ئۇ، ئۆزىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىگە دالاي لاماغا قارىتىلغان " ئاساسسىز ئەيىبلەش خىتاي ھۆكۈمىتىنى دۇنيانىڭ نەزىرىدە ئەخمىقانە ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويماقتا " دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.
يېڭى دېھلى ئايرودرومىدا مۇخبىرلارغا سۆھبەتنىڭ پات ئارىدا بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىدىن ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن لودى گيارى، " خىتاي سۆھبەتداشلىرىم ماڭا، بىزنىڭ بەختسىزلىكىمىز 50 يىلدىن بېرى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ۋاقىت كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن بۇنىڭغا قوشۇلىمەن " دەپ كۆرسەتتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي تەرەپنىڭ ۋەكىلى، كومپارتىيە مەركىزى كومىتېت بىرلىكسەپ بۆلۈمى باشلىقى دۇ چىڭلىن، دالاي لامانىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلمايدىغانلىقى توغرىسىدا " ئاشكارا ۋە ئېنىق" ۋەدە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان شۇنداقلا سۆھبەت ئىشىكىنىڭ دائىم ئوچۇقلىقىنى بىلدۈرگەن.









