نېپال ساقچىلىرى نامايىش قىلغان تىبەت ئاياللىرىنى تۇتقۇن قىلدى

تىبەتكە چېگرىداش نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندۇدا 11 - ماي كۈنى تىبەتلەرگە ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ، نامايىش قىلغان ئاياللار ساقچىلار تەرىپىدىن تارقىتىلىپ، 500 دىن ئارتۇق تىبەتلىك ئايالنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار خەۋىرى
2008.05.11

 رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، نامايىشتا 562 نەپەر ئايال تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، بۇ تىبەتلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ۋەتىنىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىبەتلەرگە قاراتقان باستۇرۇشلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە "تىبەتكە ئەركىنلىك" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان شۇنىڭدەك يىغا - زارە قىلىشقان. بىراق نېپال ساقچى دائىرىلىرى ئۇلارنى پات ئارىدا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خەلقئارا جەمىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان.

نېپالدا ھازىر 20 مىڭدىن ئارتۇق تىبەتلىك ياشايدۇ. ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكى 1959 - يىلى تىبەت قوزغىلىڭى باستۇرۇلغادا قېچىپ چىققانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولۇپ، نېپال تىبەت قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم بازىسى بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى نېپال بىلەن ياخشى ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى، نېپال ھۆكۈمىتىمۇ تىبەتلەرنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلىرىگە يول قويماسلىققا ۋەدە بەرگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە يېقىندا ماۋچىلار دەپ ئاتالغان كومپارتىيە گۇرۇھلىرى ھاكىمىيەتكە قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نامايىش قىلغان تىبەتلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ نېپال ھۆكۈمىتىگە قارشى تۇرمىغان ئەھۋال ئاستىدا قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. شەنبە كۈنى بۇنداق خىلدىكى تىبەتلەرنى قوللايدىغان نامايىش پارىژ شەھرىدىمۇ ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، بىر قانچە يۈز كىشى نامايىشقا قاتناشقان.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.