خىتاي دائىرىلىرى تىبەت ئىسيانىغا قاتناشقان 42 كىشىنى سوتلىدى

خىتاي دائىرىلىرى بۇ يىل مارت ئېيىدىكى تىبەت ئىسيانىغا قاتناشقان 42 نەپەر تىبەتلىك ئۆكتىچىنى جازالىغان بولۇپ، يەنە 100 نەچچە نەپەر كىشىنىڭ سوتلىنىۋاتقانلىقى، بەزىلىرىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالىنى چەتكە قاققىلى بولمايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن خەۋىرى
2008.07.11

 تىبەت ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پالما ترىلىي جۈمە كۈنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا، 14‏ - مارتتىكى لخاسا ئىسيانىدا ئوينىغان رولى سەۋەبىدىن تۈرلۈك جازالارغا ھۆكۈم قىلغان بۇ 42 نەپەر تىبەتنىڭ ئەڭ ئېغىرىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلگەنلىكىنى، ھازىرچە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلار بولمىسىمۇ، لېكىن سوتلىنىۋاتقان تۇتقۇنلار ئىچىدىكى بەزى كىشىلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىش ئېھتىمالى بارلىقىنى چەتكە قاقمىدى.

ئۇ نۆۋەتتە 117 نەپەركىشىنىڭ سوتلىنىۋاتقانلىقى، ئۇلارغا قانداق جازا بېرىلىشى خىتاي قانۇنلىرىغا ئاساسەن بېكىتىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. لېكىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا ئورگانلار جازالانغان تىبەتلىكلەرنىڭ ئادىل سوتلانمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى رېچاردسون، بۇ يىل 4 ‏ - ئايدا 30 نەپەر تىبەتلىك تۇتقۇن ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندا دائىرىلەرنىڭ سوت تەرتىپىنى تەنقىدلىگەن ئىدى. ئۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ مەيلى گۇناھى بولسۇن ياكى بولمىسۇن ئادىل سوتلىنىشى كېرەكلىكىنى، لېكىن ئۇلارنىڭ يېپىق سوت بىلەن جازالانغانلىقىنى، دەلىل پاكىتلار ئېلان قىلىنماي، تۇتقۇنلارنىڭ ئۆزى خالىغان ئادۋوكاتلارنى تەكلىپ قىلىشىغا يول قويۇلمىغانلىقى سوتنىڭ ئادالىتىگە گۇمان چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.