پەيشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ توڭگرېن ناھىيىسىدە، كۆپىنچىسى بۇددىست راھىبلاردىن تەشكىل تاپقان يۈزلىگەن تىبەتلىك نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، يېقىندا خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بىر تىبەتلىك بۇددىست راھىبنى، قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغان.
چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تىبەت تەشكىلاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى، تىبەتلەرنىڭ بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرغان ھەمدە ئونلىغان تىبەتلىك نامايىشچى، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى توڭگرېن ناھىيىسىدە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلغان.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، توڭگرېن ناھىيىسىدە خىتاي ساقچىلىرى كۆزلىرىگە چىلىققانلا تىبەتلىكنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈپ، ئۇلارنى ئۇرۇپ، تۇتقۇن قىلماقتا.
مەركىزى ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدىكى تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى، جۈمە كۈنى، خىتاي دائىرىلىرىنى، تىبەتتە ساختا نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش ۋە تىبەتلىك نامايىشچىلارنىڭ ئارىسىغا تىبەتچە كىيىنگەن خىتاي ساقچىلىرىنى كىرگۈزۈش بىلەن ئەيىبلەپ، ساختا نامايىشچىلارنىڭ ئۇرۇپ-چېقىش ھەرىكىتىنى، ئۆزىنىڭ تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قانۇنلاشتۇرۇشنىڭ باھانىسى سۈپىتىدە قوللانماقتا دەپ، ئەيىبلىگەن ئىدى.