تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق ھەرىكىتى ئۆزلۈكسىز داۋاملاشماقتا
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات خەۋىرى
2008.05.06
2008.05.06
فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نېپال ساقچىلىرى سەيشەنبە كۈنى نېپالنىڭ پايتەختى كاتماندۇ شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزمەكچى بولغان 100 ئەتراپىدا تىبەتلىكنى تۇتقۇن قىلغان.
مارت ئېيىدا لخاسادا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭدىن كېيىن، ھەر كۈنى دېگۈدەك تىبەتلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرىغا سەھنە بولۇۋاتقان نېپالدا، 20000 ئەتراپىدا تىبەتلىك ياشايدۇ. نېپال ساقچى دائىرىلىرى تىبەتلىك نامايىشچىلارنىڭ سەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەتلىك پائالىيەتچىلەر، نېپال ساقچىلىرىنىڭ تەدبىرلىرىگە قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىرغىچە، خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان نامايىشلارغا قاتنىشىپ، 20 قېتىم نېپال ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان تىبەتلىك پائالىيەتچى نىما دولكار خىتايغا قارشى نامايىشلارغا داۋاملىق قاتنىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، خىتايلار تىبەتتىن چىقىپ كېتىشى كېرەك، دېگەن.
ئۆتكەن ھەپتە، ئامېرىكىنىڭ نېپالدىكى باش ئەلچىخانىسى بايانات ئېلان قىلىپ، نېپال ساقچىلىرىنىڭ تىبەتلىك نامايىشچىلارغا قاراتقان مۇئامىلىسىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھەر يىلى 2500 ئەتراپىدا تىبەتلىك تىبەتتىن قېچىپ، نېپال ئارقىلىق دالاي لاما ۋە تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى جايلاشقان ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىگە بېرىپ ئورۇنلاشماقتا.









