تىبەتلەرنىڭ ئەركىنلىك مەشئىلى كانادانىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدە قىزغىن قارشى ئېلىندى

شەنبە كۈنى، كانادا نىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن، تىبەت ئەركىنلىك مەشئىلى، ۋانكۇۋېر شەھىرىدە ياشايدىغان تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتنى قوللايدىغان كانادالىقلار بولۇپ، يۈزلىگەن كىشى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىندى.

تىبەت ئەركىنلىك مەشئەلنى، تىبەتلەرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مەشئىلىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەيدىغان مەشئەل بولۇپ، تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتى جايلاشقان ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدىن يولغا چىققان ئىدى. تىبەت ئەركىنلىك مەشئىلى ئۆتكەن ھەر قايسى دۆلەتلەردە، تىبەتلەر، ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنى قوللايدىغان يەرلىك خەلقلەر ۋە تەشكىلاتلار تەرىپىدىن تەنتەنىلىك مۇراسىملار بىلەن قارشى ئېلىنماقتا.

ئىگىلەشلەرگە قارىغاندا، تىبەت ئەركىنلىك مەشئەلنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن تەشكىللەنگەن مۇراسىمدا، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئىككى مىللەتكە قارشى ئېلىپ بىرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ھەمدە كانادا ھۆكۈمىتى ۋە كانادا خەلقىدىن تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى، دىنىي ، مەدەنىيىتى ۋە تىلىغا قاراتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلغان.

ۋانكۇۋېردىكى، تىبەت ئەركىنلىك مەشئىلىنى قارشى ئىلىش پائالىيىتى، تىبەتلەر ۋە كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان سەنئەت پائالىيىتى بىلەن ئاخىرلاشقان.