خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ، بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا"مەركىزى ھۆكۈمەت دالاي لاما تەرەپ بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان سۆھبىتىدە سەمىمىي. دالاي لاما تەرەپ بولۇپمۇ، ئۆزىنىڭ ھەرىكەتلىرىدە سەمىمىيەت كۆرسەتكەن مەزگىل ئىچىدە بۇ سۆھبەت داۋاملىشىدۇ" دېگەن.
ئانالىزچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى، بۇندىن بۇرۇنمۇ بىر نەچچە قېتىم ئوخشاش تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۇ قېتىم يەنە بۇنداق شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، سۆھبەتكە بىر پۇتاق چىقىرىشقا تىرىشىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، تىبەتتىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىدىن كېيىن، خەلقئارا جامائەت بولۇپمۇ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بېسىمى بىلەن تىبەت مەسىلىسىدە دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرى بىلەن قايتىدىن سۆھبەت باشلاشقا مەجبۇر بولغان بولۇپ، تىبەتتىكى قوزغىلاڭدىن كېيىنكى ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى سۆھبەت يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ شىنجىن شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە قاتناشقان دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرىنىڭ بىرى، لودى گەرى، سەيشەنبە كۈنى، خوڭكوڭدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، سۆھبەتنىڭ ياخشى ئۆتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ ياخشى بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
تىبەت سەرگەردان ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى تومتان زامپەل، خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن دالاي لاما ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، تىبەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا سۆھبەتنىڭ قايتىدىن باشلانغانلىقىنىڭ ئۆزى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بىر ۋەقە دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چىن گاڭ، سەيشەنبە كۈنى تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا "سۆھبەتنىڭ داۋاملىشىشى، دالاي لامانىڭ تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىنى ۋە تىبەتتە قوزغىلاڭ چىقىرىش تەشەببۇسىنى توختىتىشىغا قاراشلىق" دېدى.
