ئۇيغۇر ئېلىدە ئولىمپىكتىن كېيىنمۇ قاتتىق باستۇرۇش داۋاملىشىدۇ

خىتاي دائىرىلىرى 18 - ئاۋغۇست، دۈشەنبە كۈنى مۇقىملىق خىزمىتى تېلېفون يىغىنى ئېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى ساقلاش ئۈچۈن قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇشنى تەكرار تەكىتلىدى.

دۈشەنبە كۈنىدىكى تېلېفون يىغىنىدا، ئالدىنقى مەزگىللىق مۇقىملىق خىزمىتىدىن دوكلات بېرىلىپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق مۇقىملىق خىزمەتلىرى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي قانۇن كومىتېتى پارتكوم سېكرىتارى جۇ خەيلۈن، بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇقىملىق خىزمەتلىرى توغرىسىدىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ئوخشاشلا " ئۈچ خىل كۈچلەرنىڭ زوراۋانلىق ۋە تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، سىياسىي ئاڭ، بىخەتەرلىك ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، جەمئىيەت ئەھۋالىنى ۋە خەلق رايىنى ياخشى ئىگىلەپ كۆڭلىمىزدە سان بولۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتا قەتئىي تەۋرەنمەي، ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشتە، بېلىكىمىز تۆمۈردەك قاتتىق بولۇشى كېرەك" دېگەن.

ئۆتكەن چارشەنبە ئېچىلغان ئاساسى قاتلام خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش يىغىنىدىمۇ، ۋاڭ لېچۇەن مۇقىملىق خىزمىتىنى ھايات ‏ - ماماتلىق كۈرەش دەپ تەسۋىرلەپ،ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىققا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ قاتتىق باستۇرۇشنى بوشاشماي داۋاملاشتۇرۇشنى تەكىتلىگەن ئىدى.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ جۇ خەيلۈننىڭ سۆزىنى نەقىل ئېلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى يەنىمۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىۋاتقان بولۇپ ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى تۇرۇش خىزمىتى يەنىمۇ مۇشكۈللەشكەن.

بېيجىڭ ئولىمپىكى ھارپىسىدا شۇنداقلا قەشقەر ھەمدە كۇچالاردا ئارقا ئارقىدىن يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىقنى قوغداش باھانىسىدە باستۇرۇشنى قاتتىق داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەھلىلىچە،بۇ يىغىنلاردا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۈچ خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك كۈرەشلىكىنى تەكىتلىشى، بېيجىڭ ئولىمپىكى ئاخىرلاشقاندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر ئىلىدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئادەتتىن تاشقىرى رەھىمسىزلىك بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىدىن بىشارەت بېرىدىكەن.